بىر قىسىم تور بېكەت ئېچىلمىسا بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى

1) ئەگەر مەلۇم بىر تور بېكەت ئېچىلمىسا، بەلكىم شۇ تور بېكەتنىڭ مەسىلىسى بولىشى مۇمكىن، شۇ تور بېكەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ ياكى باشقا ئوخشاش تۈردىكى تور بېكەتكە چىقىپ سىناپ بېقىڭ.

2) ئەگەر بارلىق تور بېكەتلەر ئېچىلمىسا، كومپيوتېرنىڭ تور سىمىنى بىۋاستە مودېمدىكى LAN1 غا ئۇلاپ نومۇر بېسىپ سىناپ بېقىڭ.

3) سىم توغرا ئۇلانغان بولسا، كۆچمە خەۋەرلىشىش كەڭ بەلباغدا تورغا چىقىش ياردەمچىسى يەنى 移动宽带上网助手 ئارقىلىق تور لايىھىلىشىنى ئەسلىگە ئەكىلىڭ، ياكى ئۈچىنچى تەرەپ يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈپ سىناپ بىقىڭ، مەسىلەن: 360 بىخەتەرلىك قاراۋۇلى يەنى360安全卫士 نىڭ ئىچىدىن تېخىمۇ كۆپ يەنى更多نى تاللاپ، تور ياخشىلاش يەنى 网络优化ئىچىدىكى تور ئۈزۈلۈپ قېلىشتىن جىددىي قۇتقۇزۇش ساندۇقى يەنى 网络优化中断网急救箱نى تاللاپ، ئومۇميۈزلۈك دىئاگنوز قويۇش يەنى全面诊断نى چېكىپ، دەرھال ئەسلىگە ئەكىلىش يەنى 立即修复نى چېكىپ، ئاندىن تور بېكەتنى ئېچىپ ئەسلىگە كەلگەن كەلمىگەنلىكىنى تەكشۈرىسىز.

4) ئەگەر يۇقىرىقى يۇمشاق دېتالنى ئورناتمىغان بولسىڭىز، DNS ۋە IP ئادرېسىنى ئاپتوماتىك ئېرىشىشكە توغىرلاپ قويۇڭ.

مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش تەرتىپى:

a. كومپيۇتېر ئۈستەل يۈزىنىڭ ئوڭ تەرەپ تۆۋەن يېنىدىكى كىچىك كومپيوتېر بەلگىسىنى چېكىپ، تور ۋە ئورتاق بەھرىلىنىش مەركىزىنى ئېچىش يەنى打开网络和共享中心 نى تاللايمىز.

b. ماسلاشتۇرغۇچ لايىھەسىنى ئۆزگەرتىش يەنى更改适配器设置 نى تاللايمىز.

c. ئۆزىدە ئۇلاش يەنى 本地连接 دە مائۇسنىڭ ئوڭ تەرىپىنى چېكىپ خاسلىق يەنى属性 نى تاللايمىز.

d. Internet كېلىشم نۇسخىسى 4 يەنى Internet协议版本4 نى قوش چېكىمىز.

e. IP ئادرېسىغا ئاپتوماتىك ئېرىشىش يەنى自动获得IP地址، DNS مۇلازىمەتچى كومپيۇتېر ئادرېسىگە ئاپتوماتىك ئېرىشىش يەنى自动获得DNS服务器地址 تاللاپ، مۇقىملاشتۇرۇش كونۇپكىسىنى تاللىساق بولىدۇ.

5) ئەگەر يۇقىرىقىدەك مەشغۇلات قىلىپمۇ يەنىلا ئوڭشالمىسا 10086 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.