1) ئاۋال مودېمنىڭ PON چىرىقىنىڭ پىلىلداپ يانغان ياكى يانمىغانلىقىنى تەكشۈرىسىز، ئەگەر پىلىلداپ يانغان بولسا 10086 بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: PON چىرىقى ياكى تىزىمغا ئالدۇرۇش چىرىقى يەنى 注册灯 دېگىنىمىز مودېمغا قاراپ تۇرغان يۆنىلىشتىكى سولدىن ئوڭغا سانىغاندا ئىككىنچى چىراق.
2) ئەگەر PON چىرىقى داۋاملىق يانسا، كومپيوتېرنىڭ تور سىمىنى بىۋاستە مودېمنىڭLAN1 ئېغىزىغا ئۇلاپ سىناپ باقىسىز، ئەگەر نورمال ئۇلانسا روتېرنىڭ كاشىلىسى ھېسابلىنىدۇ، روتېرنى قايتا لايىھىلەپ بىر تەرەپ قىلسىڭىز بولىدۇ.
3) ئەگەر بىۋاستە ئۇلانغاندىمۇ نورمال بولمىسا، كومپيوتېردا كۆرۈلگەن خاتالىق نومۇرى ئەسكەرتمىسى بويىچە بىر تەرەپ قىلىڭ.

