كۆچمە خەۋەرلىشىش كەڭ بەلباغ تورىنىڭ تور سۈرئىتى ئاستا بولسا بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى

1) كومپيۇتېرنى مودېمدىكى LAN1 ئېغىزىغا بىۋاستە ئۇلاپ، سىستېمىدا يۈرگىزىۋاتقان

بارلىق پروگراممىلارنى تاقىۋېتىپ، بىر كومپيوتېردا ھېچقانداق باشقا قوللىنىشىلىرى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا تور سۈرئىتىنى سىنايسىز.

10 Mلىق تورنىڭ سۈرئىتى 760-1000kB/s بولغان ئارلىقتا،

M20 لىق تورنىڭ سۈرئىتى 1536KB/s-2048KB/s بولغان ئارلىقتا،

M30لىق تورنىڭ سۈرئىتى 2304KB/s-3072KB/s بولغان ئارلىقتا،

M50لىق تورنىڭ سۈرئىتى 3840KB/s-5120KB/s بولغان ئارلىقتا،

M100لىق تورنىڭ سۈرئىتى 7600KB/s-10200KB/s بولغان ئارلىقتا بولسا نورمال ھېسابلىنىدۇ،ئەگەر مۇناسىپ تور سۈرئىتىگە ماس كەلمىسە 10086 بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.

2) ئەگەر تور سۈرئىتى نورمال بولۇپ،腾讯، 盛大 ئويۇنلىرى ئاستا بولسا بىۋاستە ئويۇن مۇلازىمەت لىنىيسىگە تېلېفون قىلىپ سۈرۈشتۈرۈڭ، 腾讯 ئويۇنى ئەرز–شىكايەت تېلېفون نومۇرى: 0755-86013666، 盛大 ئويۇنى ئەرز–شىكايەت تېلېفون نومۇرى: 95105222 ياكى 021-50504728 گە تېلېفون قىلىپ سۈرۈشتۈرۈڭ، ياكى ئويۇن تېزلەتكۈچنى يەنى 游戏加速器 چۈشۈرۈپ قوشىۋېلىڭ، مەسىلەن 迅游加速器. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كومپيوتېردا ۋىرۇس ئۆلتۈرۈش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىڭ.

3) ئەگەر يەنىلا ھەل بولمىسا 10086 بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.