743، 738، 718،797، 711، 769 ياكى باشقا خاتالىق نومۇرى بولسا بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى

1) تور كارتىسىنىڭ ھالىتىنى تەكشۈرۈڭ.

تور كارتىسىنىڭ ھالىتىنى تەكشۈرۈش ئۇسۇلى:

WINXP سىستېمىلىق كومپيوتېرلار: مائۇسنى مېنىڭ كومپيۇتېرىم يەنى 我的电脑 نىڭ ئۈستىگە ئەكىلىپ مائۇسنىڭ ئوڭ تەرەپنى بېسىپ كونۇپكا خاسلىقى يەنى属性نى چېكىپ، قاتتىق دېتالدىكى ئۈسكىنە باشقۇرغۇچ يەنى 设备管理器 نىڭ ئىچىدىكى تور كارتىسى يەنى网卡 ۋە ياكى تور يولى ماسلاشتۇرغۇچ يەنى网络适配器 نى ئىزدەيسىز.

WIN7 سىستېمىلق كومپيۇتېرلار: كومپيوتېر يەنى 计算机 نى چېكىپ، مائۇسنىڭ يەنى 鼠标نىڭ ئوڭ تەرەپ كونۇپكىسى ئارقىلىق ئۈسكىنە باشقۇرغۇچ يەنى设备管理器نى چېكىپ، تور يولى ماسلاشتۇرغۇچ 网络适配器 نى ئىزدەيسىز.

2) ئەگەر تور كارتىسى يەنى网卡 ئىشلىتىشتىن چەكلەنگەن بولسا تور كارتىسى يەنى网卡 ياكى تور يولى ماسلاشتۇرغۇچ يەنى 网络适配器 نىڭ ئاستىدىكى تور كاتىسى قوزغاتقۇچىدا قىزىل خاتا بەلگىسى كۆرۈلسە، ئوڭ تەرەپ كونۇپكىنى چېكىپ تور كارتىسىنى قوزغىتىسىز.

3) ئەگەر تور كارتىسى يەنى 网卡 دا ئۈندەش بەلگىسى بولسا، IP ئادرېسىنى ئاپتوماتىك ئېرىشىش يەنى 自动获取 كە تەڭشەپ سىناپ باقىسىز، يەنىلا بولمىسا، تور كارتىسىنى قايتا قوزغىتىپ سىنايسىز.

4) ئەگەر باشقا بىنورمال ئەھۋاللار كۆرۈلسە، مەسىلەن ئۈسكىنە باشقۇرغۇچتا يەنى 设备管理器 دا تور كارتىسىنى قوزغاتقاندا سۇئال بەلگىسى كۆرۈلسە ياكى تور كارتىسى يەنى网卡 ۋە ياكى ئۈسكىنە باشقۇرغۇچ يەنى 设备管理器 قاتارلىقلارنى تاپالمىسا، تور كارتىسى قوزغاتقۇچنى قايتا ئورنىتىشىڭىزنى ياكى كومپيوتېر شىركىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ تور كارتىسى ۋە ئاساسىي تاختىنىڭ بۇزۇلغان ياكى بۇزۇلمىغانلىقىنى تەكشۈرتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.