خاتالىق نومۇرى 678 / 651 بولسا بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى

1) مودېم يەنى 光猫 دىكى LOS چىرىقى ياكى يورۇقلۇق سىگنالى يەنى光信号 نىڭ قىزىل يانغان يانمىغانلىقىنى تەكشۈرىسىز، ئەگەر قىزىل چىراق يانغان بولسا 10086 بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.

ئەسكەرتىش: LOS چىرىقى ياكى يورۇقلۇق سىگنالى يەنى光信号 دېگىنىمىز مودېمغا قاراپ تۇرغان يۆنىلىشتىكى سولدىن ئوڭغا سانىغاندا ئۈچىنچى چىراق.

2) ئەگەر LOS چىرىقى ياكى يورۇقلۇق سىگنالى يەنى 光信号 نورمال بولسا، PON چىرىقىنىڭ داۋاملىق يانغان ياكى يانمىغانلىقىنى تەكشۈرىسىز، ئەگەر PON چىرىقى پىلىلداپ يانغان بولسا 10086 بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.

ئەسكەرتىش: PON چىرىقى ياكى تىزىمغا ئالدۇرۇش چىرىقى يەنى 注册灯 دېگىنىمىز مودېمغا قاراپ تۇرغان يۆنىلىشتىكى سولدىن ئوڭغا سانىغاندا ئىككىنچى چىراق.

3) ئەگەر PON چىرىقى داۋاملىق يېنىقلىق ھالەتتە بولسا، كومپيۇتېردىكى تور سىمىنىڭ مودېمدىكى LAN1 ئېغىزىغا ئۇلانغان ياكى ئۇلانمىغانلىقىنى تەكشۈرەيسىز. ئەگەر LAN1 ئېغىزغا ئۇلانمىغان بولسا، تور سىمىنى مودېمنىڭ LAN1 ئېغىزىغا ئۇلىسىڭىز بولىدۇ.

4) ئەگەر مودېمLAN1 ئېغىزىغا نورمال ئۇلانغان بولسا، مودېمنى توكتىن ئاجىرىتىپ 5 مىنۇتتىن كېيىن قايتىدىن توكقا ئۇلاپ سىنايسىز، ئەگەر ئوڭشالمىسا 10086 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.