1) مەشرەپ تېلېۋىزور قۇتىسىنىڭ ئارقىدىكى تور سىمى يەنى مۇدىم 光猫نىڭ LAN2 ئېغىزىغا ئۇلانغان ياكى ئۇلانمىغانلىقىنى تەكشۈرۈڭ.
2) سىم يولى توغرا ئۇلانغان بولسا، تور يولىنى لايىھىلەشنى تاللاپ مۇقىملاشتۇرۇپ، سىمسىز تور قىزىق نۇقتىسىنىڭ ئېچىلغان ياكى ئېچىلمىغانلىقىنى تەكشۈرۈڭ، ئەگەر ئوچۇق بولسا ئېتىۋېتىڭ.
3) ئەگەر ئېچىلمىغان بولسا، تىزگىنەك ئارقىلىق لايىھىلەش يەنى 设置- سىملىق تور يولىنى قۇراشتۇرۇش يەنى 有线网络设置 نى چېكىپ، ئىككىنچى تۈرنى تاللاپ DHCP چېكىپ مۇقىملاشتۇرسىز، مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن چېكىنىش يەنى 返回 نى بىسىپ، ھەمدە مودېم، مەشرەپ تېلېۋىزىيەسى قۇتىسىنى 5 مىنۇت توكتىن ئايرىغاندىن كېيىن قايتا توكقا چېتىپ سىناپ بىقىڭ.
4) ئەگەر يۇقىرىقىدەك مەشغۇلات قىلىپمۇ يەنىلا ئوڭشالمىسا 10086 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
